ئەردوغان: خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي قىبرىسنى دەرھال ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمەن

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى دەرھال ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

2014241
ئەردوغان: خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي قىبرىسنى دەرھال ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمەن
erdogan kktc.jpg
erdogan kktc1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىلەن بىرلىكتە پايتەخت لەفكوشادا ئۆتكۈزۈلگەن «20 – ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى» مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە،  1963-1974-يىللىرىنىڭ قىبرىس تۈركلىرىگە نىسبەتەن قان تۆكۈلۈش، كۆز يېشى قىلىش ۋە قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىش يىللىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما تۈرك مىللىتىنىڭ زالىملارغا ئەسلا باش ئەگمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ «كاپالەتچىلىك كېلىشىمى» دائىرىسىدىكى ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىگە ئاساسەن، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ  1974-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قىبرىس ئارىلىغا قەدەم بېسىپ، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى،  تۈرك مىللىتىنى باش ئەگدۈرۈشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «20-ئىيۇل قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى ھەم ئىنتىلىشىنىڭ نامايەندىسىدۇر. شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھوقۇقتا باراۋەرلىك ئورنىنى قوغداپ قېلىشنىڭ سىمۋولىدۇر.»

ئۇ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمى، ۋەھشىيلىكى ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى پۈتۈن دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەمما ئۇلار نېمە قىلسا قىلسۇن، ئەسلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بىز بۇ زېمىندا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ھەم ئۇنتۇپ قالمايمىز، دۇنياغىمۇ ئۇنتۇلدۇرغۇزمايمىز.»

ئەردوغان تۈركىيە بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھېچقاچان سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە يارىشىشتىن  قاچمىغانلىقىنى، ھەمىشە ئادىل ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ھوقۇقتا باراۋەرلىكى ھەم خەلقئارادا ۋەكىللىك قىلىنىش سالاھىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىنمىغان تەقدىردە، يېڭى سۆھبەت مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئانا ۋەتەن تۈركىيەنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بىخەتەرلىكى، بەخت-سائادىتى ۋە پاراۋانلىقىنىڭ ھەر دائىم كاپالەتچىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ  قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ھوقۇقتا باراۋەرلىكى ۋە خەلقئارالىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرىمىز ھەم مەيدانىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز. قىبرىس تۈركلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنسىز ھەم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان چەتكە قېقىش ۋە ئېمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،   قىبرىس ئارىلىنىڭ قەدىمىي ۋە ئەسلى ئۇنسۇرى بولغان قىبرىس تۈركلىرىنى پۈتكۈل دۇنيادىن يېتىم قالدۇرۇش ۋە يوققا چىقىرىۋېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋەجىدىن، مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇنبىرىدىن پۈتكۈل دۇنياغا قىلغان تارىخىي مۇنۇ چاقىرىقىمنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن: ئەي دۇنيا! قىبرىس ئارىلىدىكى رېئاللىقلاردىن تېخىمۇ كۆپ يۈز ئۆرۈمەڭلار، شىمالىي قىبرىس تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى دەرھال ئېتىراپ قىلىڭلار.»

ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر