ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە زىيارەتتە بولماقتا
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولماقتا.
2013580
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.
ئەلۋەتەن سارىيىدىكى مۇراسىمدىن كېيىن، ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئەردوغان بىلەن ئال نەھيان، ئارقىدىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئارا سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئال نەھيان تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلىدىغان رەسمىي كەچلىك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ.