دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋىشىنى ئۇجۇقتۇردى

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى مۇنبىچتە ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە،  2020 - يىلى 40 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئافرىن ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د/ي پ گ ئەزاسى تېررورچى ھەيسەم جۇمانى ئۇجۇقتۇردى.

2011878
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋىشىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د/ي پ گ نىڭ مۇنبىچ ئىستىخبارات قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئاتالمىش مەسئۇلى بولۇپ پائالىيەت قىلغان ۋە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ۋەقە تۇغدۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ئەسلىھەلەرنى يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان، شىفرىلىق ئىسمى <ھەيسەم ئەبۇ داھھام> ۋە ئەسلى ئىسمى <ھەيسەم جۇما> بولغان تېررورچىنىڭ  مەلۇم مەزگىل ئىلگىرى مۇنبىچ شەھەر مەزكىزىگە كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئىستىخبارات تاپشۇرۇپ ئالغان.

ھەيسەم جۇما  دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ((MIT تەرىپىدىن 9-ئىيۇل مۇنبىچنىڭ شەھەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە ئۇجۇقتۇرۇلغان.

تېررورچى ھەيسەم جۇمانىڭ 2019-يىلى ئۈچى موتسىكلىت بىلەن ۋە ئىككىسى ئاپتوموبىل ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇمى ئارقىلىق 2020 – يىلى 28 – ئاپرىلدا ئافرىن شەھەر مەزكىزىدە، ئاندىن پازارغا بومبا قاچىلانغان ماي ئاپتوموبىلى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ،  11 كىچىك بالىنى قوشقاندا قەمئىي  40 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولۈپ 47 كىشى يارىلانغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر