تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە ناتو رەھبەرلىرى ۋىلنىيۇستا سۆھبەتلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە تەرىپىدىن ناتوغا ئەزا بولۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىلغان شىۋېتسىيە، تاموژنا ئىتتىپاقىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىنى ئاكتىپ قوللايدۇ.

2009531
تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە ناتو رەھبەرلىرى ۋىلنىيۇستا سۆھبەتلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (2023-يىلى 10-ئىيۇل) لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون ۋە ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە ناتونىڭ ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى تۈركىيە بۈيۈك دۆلەت مەجلىسىگە (TBMM) ئەۋەتىدىغانلىقى، شىۋېتسىيەنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ھەم 2022- يىلىدىكى مادرىدتا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا قۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ دائىمي مېخانىزمى ھەمدە يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان ۋە مۇناسىپ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان يېڭى ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمى دائىرىسىدە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا، شىۋېتسىيە تېررورىزمنىڭ ھەر خىل شەكلى ۋە تۈرلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە، ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنىڭ 4- ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئامىللىرىنى تولۇق يولغا قويۇشنىڭ پىلان-لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شىۋېتسىيە ي پ گ/پ ي د ۋە تۈركىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن (فەتۆ) تەشكىلاتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدۇ. تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىق ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە.»

تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ، تۈركىيە- شىۋېتسىيە بىرلەشمە ئىقتىساد ۋە سودا كومىتېتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش پۇرسەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە: «شىۋېتسىيە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى تاموژنا ئىتتىپاقىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ۋىزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىدىكى تىرىشچانلىقىنى ئاكتىپ قوللايدۇ. مۇشۇ ئاساستا ۋە ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ يالتايتىش كۈچى ۋە مۇداپىئە ئېھتىياجى دائىرىسىدە، تۈركىيە شىۋېتسىيەنىڭ (ناتوغا) قوشۇلۇش ھۆججىتىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە ئەۋەتىدۇ ۋە تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەجلىس بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر