فاتما مارىچ يىلماز تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولدى

پىروفېسسور دوكتور فاتما مارىچ يىلماز تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

2008949
فاتما مارىچ يىلماز تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  فاتما مارىچ يىلماز پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن پەۋقۇلئاددە ئومۇمىي يىغىندا، قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ نامزاتى بولدى ۋە بېلەتلەرنىڭ ھەممىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان تۇنجى ئايال بولدى.

فاتما مارىچ يىلماز سايلامدىن كېيىن ۋەكىللەرگە رەھمەت ئېيتتىپ، «قىزىلئاي جەمئىيىتى بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىدىن بىرى. ئۇ مېھرىبانلىق، رەھىمدىللىك، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە ھەمكارلىق ئىرادىسىنىڭ ئەڭ كونكرېت قەلئەسى» دېدى.

فاتما مارىچ يىلماز يوللىرىنىڭ ئۇزۇن ۋە ئەگرى -توقاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى:  

«يېقىن ۋە يىراقتا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بىزنىڭ يولىمىزنى كۈتۈۋاتقانلار بار. ئىئانە قىلغۇچىلىرىمىزدىن ئالغان ئامانەتنى ھەقىقىي رەۋىشتە قىيىنچىلىقى بارلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئارام ئالماستىن بۈتۈن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز. يەر تەۋرەشتە، ئۇرۇشتا، ئوت ئاپىتى، كەلكۈن، يۇقۇملاردا نامايان قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، ئەڭ باشتا بولغۇچى يەنە بىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر