ئەردوغان ئىيوردانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىيوردانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە چەت ئەلدە ياشايدىغان ئىيوردانىيەلىكلەر مىنىستىرى ئايمان سافادىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

2007253
ئەردوغان ئىيوردانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىيوردانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئايمان سافادىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ قاتناشتى.

ئايمان سافادى ئەردوغاننى زىيارەت قىلىشتىن  ئىلگىرى، ھاقان فىدان بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر