تۈركىيە ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى قوللىدى

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ تۆتىنچى قېتىم يەنە بىر يىل ئۇزارتىلىشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالدى.

2007198
تۈركىيە ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ، باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2024-يىلى 1-ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىش قارارىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە دۆلىتىمىز بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلغان باش كاتىپ ستولتېنبېرگنى تەبرىكلەيمىز» دېيىلدى.

 باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«باش كاتىپ ستولتېنبېرگ 2014-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تېررورلۇق قاتارلىق كۈچىيىۋاتقان تەھدىت ۋە خىرىسلارغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ بىردەكلىكى ۋە ھەمكارلىقىنى قوغداشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. بىز باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ رەھبەرلىكىنى نامايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

ناتو تۈنۈگۈن (4-ئىيۇل) ئېلان قىلغان باياناتىدا، باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ 30-سېنتەبىردە توشىدىغان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پىكىر بىردەكلىكىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ قارار بىلەن، ستولتېنبېرگ 2024-يىلى 1-ئۆكتەبىرگىچە ناتونىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر