تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى شىۋېتسىيەنى تەدبىر ئىزدەشكە زورلىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتۈۋاتقان شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى، پايتەخت ستوكھولمدا قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىنكى نارازىلىقلار سەۋەبىدىن تەدبىر ئىزدەشكە چۈشتى.

2006001
تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى شىۋېتسىيەنى تەدبىر ئىزدەشكە زورلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى قىلغان كىشىنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، بۇ خىل ۋەقەلەرگە قارىتا چېگرا كونتروللۇقىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ئۈنۈملۈك چېگرا كونتروللۇقىمىز بولۇشى ۋە دۇنياغا ئېنىق ئۇچۇر بېرىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. شىۋېتسىيە ئۆز ئەركىنلىكىگە، بىخەتەرلىكىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا قارىتىلغان تەھدىتلەرگە ئىنتايىن جىددىي مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا، ئورگانلىرىمىز يېڭى تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتمەكتە» دېيىلدى.

28-ئىيۇندا، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا، ئىراق پۇشتىدىن بولغان سالۋان مومىكا ستوكھولم جامەسى ئالدىدا، ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن ئىدى. بۇ ئىغۋاگەرچىلىك تۈركىيە باشچىلىقىدا خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە قاتتىق نارازىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر