تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تەخمىنەن 5700 يېڭى تۇرالغۇ سېلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

2004537
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا يېڭى قانۇنسىز  ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تەخمىنەن 5700 يېڭى  ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىش پىلانىنى تەستىقلىشىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 13 مىڭ تۇرالغۇدىن ئېشىپ كەتكەن قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىش پىرىنسىپىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ شەكىلدە  پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىشنى، ھېچقانداق شەكىلدە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قانۇنسىز  ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر