ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2001190
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ئەردوغاننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيە-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

 ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ رايون خاراكتېرلىك دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇش يولىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان تۈركىيەگە ئادىل مۇئامىلە قىلىش ۋە تولۇق ئەزالىق قارىشىنى قوللاشنىڭ، مۇناسىۋەتلەردە يېڭى ئۇپۇقلارنىڭ ئېچىلىشىغا ۋەسىلە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر