تۈركىيە ئۇگاندادا مەكتەپكە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئۇگاندانىڭ مپوندۋې رايونىدا بىر مەكتەپكە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2001003
تۈركىيە ئۇگاندادا مەكتەپكە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقى تەكىتلىنىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىدارلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشگە بولغان تىلەكلىرى يەتكۈزۈلدى.

باياناتتا ھۇجۇمغا قاتتىق  لەنەت ئوقۇيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «تېررورلۇقنىڭ بارلىق  شەكىللىرى ۋە ئىپادىلىرىگە قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلىتىمىز بۇ قىيىن كۈنلەردە ئۇگاندا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدۇ» دېيىلدى.  

ئۇگاندانىڭ مپوندۋې رايونىدا بىر مەكتەپكە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 38 ئوقۇغۇچىنى قوشقاندا، جەمئىي 41 كشى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر