تۈركىيە شىۋىيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى شىۋىيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارىتىلغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

2000469
تۈركىيە شىۋىيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى  شىۋىيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارىتىلغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە بايرىقى نىشان قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى قاتتىق ئەيىبلەندى، بۇ  ھۇجۇمنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، شىۋىيېتسارىيەدىن بۇ ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈشكە باشلىشى، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنى ئېنىقلاپ چىقىشى ۋە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىمىز، بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئارقىلىق بۇ ۋەقەنى داۋاملىق كۆزىتىمىز. شىۋىيېتسارىيەنىڭ بۇنداق بەتبەشىرە ھۇجۇملارغا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىىرنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر