مىنىستىر گۈلەر تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىقى توغرىسىدا توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1999281
مىنىستىر گۈلەر تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىقى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەمراھلىقىدا ئەزەربەيجانغا بارغان مىنىستىر ياشار گۈلەر، زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەزەربەيجانلىق بىر ژۇرنالىستنىڭ «تۈركىيە- ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق قارايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن مىنىستىر گۈلەر: «ھازىرغىچە قانداق بولۇپ كەلگەن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> رامكىسى ئىچىدە پائالىيەتلىرىمىزنى تېخىمۇ قويۇق داۋاملاشتۇرۇپ، مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قەلبداش بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز ھەمىشە جان ئەزەربەيجان تەرەپتىمىز» دېدى.

ئۇ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «بىز قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ياردەملەرنى قىلىشنى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئۆلچىمى بويىچە بىرلىكتە مەشىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر