ئەردوغان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنى تەبرىكلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 155 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
1998392
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەزىز خەلقىمىزنىڭ دۆلىتىمىز ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېھىر – شەپقەت قولى بولغان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 155 – يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ھىلال ئاي جەمئىيىتىدىن بۇيان ئىنسانىيەت ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق پىدائىيلارنى مىننەتدارلىق بىلەن ياد ئېتىمەن.»