دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيە ئەسىرىدىكى بىخەتەرلىك توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلدى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى (MGK) تۈركىيە ئەسىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان يېڭى دەۋردە (2023)، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوخشاش ئىرادە بىلەن قەدەم تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1997438
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيە ئەسىرىدىكى بىخەتەرلىك توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2023-يىلى 8-ئىيۇن) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنىدىن كېيىن خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

خىتابنامەدە، پ ك ك| ك ج ك-پ ي د|ي پ گ، فەتھۇللاھچى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق مىللىي ئىتتىپاقلىق، مىللىي باراۋەرلىك ھەمدە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا ھەر خىل تەھدىت ۋە خەۋپ-خەتەرلەرگە قارشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ھەققىدە كېڭەشكە مەلۇمات سۇنۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە ئۇ دۆلەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ھەمدە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ پەقەت تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدىغانلىقى، كوسوۋۇدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيلىكنىڭ رايوندىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغان كىرىزىسقا  ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە سۆھبەت ۋە كېڭىشىش مۇساپىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەنىڭ رايوننى قوللىشىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

خىتابنامەدە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ رايوننىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان تەسىرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمەلەرنىڭ قىلىنغانلىقى، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«سۇداندىكى توقۇنۇشقان ئالاقىدار تەرەپلەر، تېزدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغداشقا ۋە مەسىلىلەرنى مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىمىز. تۈركىيە سۇداندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ھازىرغىچە قىلغىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈرلۈك شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر