تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى چەت ئەلدە يەنە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى.

1997051
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېرروچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى فەھمى ئۆگمەن ۋە باشقا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىنىڭ چەمچەمال يېزىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئالدى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىنى، ئۇلارنىڭ قۇرغان يەرلىك ئاخبارات تورىنى تەقىب قىلدى، ئاندىن ساھەدىكى خادىملىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ مەخپىي بىر رايوننى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. جۈملىدىن، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېرروچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى فەھمى ئۆگمەننىڭ بۇ رايوندا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

ئارقىدىن، 1993 – يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان، ئۇزۇن يىللار تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان،  تۈركىيەدىكى نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى بىۋاسىتە تەشكىللىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن  فەھمى ئۆگمەنگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈلدى.

ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، فەھمى ئۆگمەن بىلەن بىرلىكتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​باتالىيون ئوفىتسېرى مەھمەت سالىھ چاقال ۋە ئۇلارنىڭ شوپۇرى ئەھمەد مۇھەممەد ئەلىمۇ  بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر