جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چارلېس مىشېل بىلەن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە تۈركىيەگە قىلىنىدىغان ئادىل مۇئامىلە بىلەن تولۇق ئەزالىق قارىشىنى قوللاشنىڭ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1996836
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چارلېس مىشېل بىلەن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلىز مىشېل بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى مىشېلنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، رايونلۇق مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپا ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇشىنى كۆزلىگەن ئاساستا كونكرېت ۋە ئىجابىي كۈنتەرتىپ بىلەن ھەر دەرىجىلىك ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تاموژنا ئىتتىپاقىنى يېڭىلاش، ۋىزا ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كۆچمەنلىك مەسىلىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەگە قىلىنىدىغان ئادىل مۇئامىلە بىلەن تولۇق ئەزالىق قارىشىنى قوللاشنىڭ تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر