ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى
قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە ئىككى تېررورچى تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
1995504
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ۋە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئىشلىنىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە ئىككى تېررورچى تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.
تەسلىم بولغان بۇ ئىككى تېررورچىنىڭ 2013 - ۋە 2014-يىللىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى، سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ سانى 50 كە يەتكەن.