تۈركىيە ناتونىڭ تەلىپىگە بىنائەن كوسوۋوغا زاپاس قىسىم يوللاشنى قارار قىلدى

ئەنقەرە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ تەلىپىگە بىنائەن، زاپاس قىسىم سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تۈركىيەنىڭ بىر كوماندىر باتالىيونىنىڭ كوسوۋوغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1994828
تۈركىيە ناتونىڭ تەلىپىگە بىنائەن كوسوۋوغا زاپاس قىسىم يوللاشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ناتو، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ۋەزىپىلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە رايون ۋە يەر شارىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۆلىتىمىز ئورتاق تارىخ ۋە مەدەنىيەت رىشتىسىگە ئىگە بالقان رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە؛ يېقىنقى كۈنلەردە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت كوسوۋىنىڭ شىمالىدا يۈز بېرىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزگەن ۋەقەلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، بەرپاچى پوزىتسىيەدە بولۇپ، تەرەپلەرنى ئېغىر - بېسىق بولۇشقا چاقىرماقتا... كوسوۋودا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئىتالىيەنىڭ ناپولى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ناتو بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىلگىرى ناتونىڭ كوسوۋودىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە تەقسىم قىلىنغان قىرقلارئەلىدىكى 65 - ماشىنىلاشقان پىيادە قىسىملار قوماندانلىقىدىن بىر باتالىيون ئەسكەر زاپاس قىسىم سۈپىتىدە (كوسوۋودا) ۋەزىپىلەندۈرۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەقسىم قىلىنغان قىسىملار 2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 -، 5 - كۈنلىرى كوسوۋودىكى سۇلتان مۇرات گازارمىسىغا يۆتكىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر