دۇنيا رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنيا رەھبەرلىرى جۇمھۇر رەئىسلىككە قايتا سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېفونى قىلىش ۋە تېلېگرامما يوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1993221
دۇنيا رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىككىنچى، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، گىرېتسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى رەھبىرى كىرياكوس مىچوتاكىس، لىۋىيە دۆلەت مەجلىسى رەئىسى خالىد ئەممار ئەلمىشرى قاتارلىقلار جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ سايلامدىكى ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلىدى ۋە نەتىجىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ستولتېنبېرگ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا 7- ئايدا ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنى، ئۇكرائىنانى قوللاش، ناتونىڭ يالتايتىش قۇدرىتى ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۈچەيتىش، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرمېنىيە فوندىلار بىرلەشمىسى رەئىسى بەدروس شىرىنئوغلۇمۇ تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر