بايدىن بىلەن پۇتىن ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، قايتىدىن جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

1992666
بايدىن بىلەن پۇتىن ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
erdogan-putin.jpg
biden-erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلامدىكى ئۇتۇقىنى تەبرىكلىگەن ۋە نەتىجىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىگەن.

رايونلۇق ۋە دۇنياۋى خىرىسلار ئالدىدا تۈركىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانسېرى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىككى رەھبەر، يېڭى دەۋردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتىمۇ، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى «ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېقىن شېرىكلەر» سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا يەنە، 11-12 – ئىيۇل كۈنلىرى لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان «ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تەييار تۇرۇش مەسىلىسى» نىڭمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، سايلامدىكى ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلىگەن ۋە سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىگەن.

ئىككى رەھبەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيە- رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە رايون مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر