ئەردوغان يەر تەۋرەش رايونىدا پۇقرالارغا خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەش رايونىدا ئۆكتەبىردىن نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا مەڭگۈلۈك تۇرالغۇ تارقىتىشنى باشلاشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1988702
ئەردوغان يەر تەۋرەش رايونىدا پۇقرالارغا خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئادىياماندىكى K2B كونتېينېر شەھىرىدە پۇقرالارغا خىتاب قىلدى.

ئەردوغان 6-فېۋرالدا قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ، 11 ۋىلايەتكە تەسىر قىلغان يەر تەۋرەشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە بەزى يېتەرسىزلىكلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنى تىزدىن ھەل قىلىپ، ئادىيامياننى قايتىدىن تىك تۇرغۇزۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «گەرچە بىز يوقۇتۇپ قويغان جانلارنى قايتۇرۇپ كېلەلمىسەكمۇ، باشقا بارلىق زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشتا قەتئىي ئىدارىگە ئىگىمىز. ئۆيى ۋەيران بولغان ئاخىرىقى قېرىندىشىمىزنى ئۆيگە ئىگە قىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىمىز. ئۆكتەبىردىن نويابىرغىچە مەڭگۈلۈك تۇرالغۇ تارقىتىش باشلايدۇ» دېدى.

ئەردوغان كەنت ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋاقىتلىق باشقا شەھەرلەرگە كەتكەن يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغۇچى ۋەتەنداشلارنىمۇ   يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر