ئالتۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، پۇقرالىرىغا قىلىنغان ناھەقچىلىكلەرنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورايدىغان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1988175
ئالتۇن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل TRT World  قانىلىنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ بىمەنە بىر قارارغا ئاساسەن، تۈركىيەلىك ئىككى ژۇرنالىستنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا ئامېرىكانىڭ قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن پاتېلنىڭ سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى؛ ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا گېرمانىيەنىڭ بۇ قەدەمنى تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن تاشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيەنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، پۇقرالىرىغا قىلىنغان ناھەقچىلىكلەرنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورايدىغان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ھەزم قىلىسىلەر» دېدى.

غەربنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەلىرىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، (گېرمانىيەنىڭ) تۈركىيەلىك ژۇرنالىستلارنى زەربە نىشانى قىلغان ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «گېرمانىيەدە قانۇنلۇق شەكىلدە ژۇرنالىستلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان تۈرك مېدىيا مەنسۇپلىرىغا قارشى سادىر قىلىنغان بۇ ئەپسۇسلىنارلىق قىلمىشنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمىغاندەك، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشنىمۇ قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. يۈزلەرچە چەت ئەللىك مېدىيا مەنسۇپى مەشغۇلاتلىرىنى ئەركىن – ئازادە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيەگە ساۋاق بېرىشكە ئۇرۇنغانلار، بۈگۈن قىممەت قاراشلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى روشەن ئاشكارىلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر