تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 12 مىليون 900 مىڭىنى ياشلار تەشكىل قىلىدۇ
2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ سانى 12 مىليون 949 مىڭ 817 گە يەتتى.
1987628
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ «تۈركىيەنىڭ 2022-يىلدىكى ياشلارنىڭ نوپۇسىغا دائىر ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار» ناملىق تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %15.2 ىنى 15-24 ياش ئارىلىقىدىكى ياشلار تەشكىل قىلىدىكەن.
تۈركىيە مىقياسىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 12 مىليون 949 مىڭ 817 سى ياشلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن. بۇنىڭ % 51.2 سى ئوغۇللار، % 48.8 ى قىز لاردىن تەشكىل تاپىدىكەن.
تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ سانى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتتىكى ياشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ 2022-يىلدىكى ياشلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى %10.5 ئىكەن.