ئەردوغان يېقىنقى 40 كۈندىن بۇيان يولغا قويۇلغان تۈرلەرنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئورتاقلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا سايلام مۇساپىسى باشلانغان 40 كۈن ئىچىدە يولغا قويۇلغان تۈرلەرنىڭ سىنئالغۇسىنى ھەمبەھرىلىدى.

1981520
ئەردوغان يېقىنقى 40 كۈندىن بۇيان يولغا قويۇلغان تۈرلەرنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئىستىقبالنىڭ يۈز يىلىنى تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسى»دا كىيگەن ئۇچقۇچى كىيىمى بىلەن مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشى بىلەن باشلانغان سىن كۆرۈنۈشىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى — ئانقا 3، مىللىي كۈرەشچى ئايروپىلان — قائان (قاغان) ۋە ئاتاك ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ كۆرۈنۈشلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

سىن كۆرۈنۈشىدە، يەر تەۋرەش رايونىدىكى ئۇلى سېلىنغان ئۆيلەردىن تارتىپ، TCG ئانادولۇ ناملىق توشۇغۇچى پاراخوتنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلۇشىغىچە، قارا دېڭىز تەبىئىي گازىنىڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىنىشىدىن تارتىپ توگگ (TOGG) ئاپتوموبىللىرىغىچە بولغان روياپقا چىقىرىلغان تۈرلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر