چېگرا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش باشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ۋە 28 - نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمى دائىرىسىدە، چەت ئەللەردە سايلام تىزىملىكىگە تىزىملاتقان سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش جەريانى باشلاندى.
1979936
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەت ئەل سايلام تىزىملىكىگە تىزىملاتقان پۇقرالار تۈركىيەنىڭ ياۋروپاغا ئېچىلىدىغان چېگرا ئېغىزلىرى كاپىكۇلە، ئىپسالا، پازاركۇلە، ھامزابەيلى ۋە دەرەكۆي قاتارلىقلاردا بېلەت تاشلىيالايدۇ.
كاپىكۇلەگە كىرىش، چىقىش ئېغىزلىرى ۋە بېكەت بولۇپ جەمئىي ئۈچ، ئىپسالا، پازاركۇلە، ھامزابەيلى ۋە دەرەكۆي چېگرا ئېغىزلىرىغا بىردىن بېلەت تاشلاش ساندۇقى قويۇلدى.
چېگرا ئېغىزلىرىدا ھەر كۈنى 24 سائەت بويىچە بېلەت تاشلىغى بولىدۇ؛ بېلەت تاشلاش 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يەكشەنبە، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 17.00 دە ئاخىرلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.