باش ئەلچى ئۆنال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى تەنقىد قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئالاقىدار دەتالاشلار داۋاملاشماقتا.

1979939
باش ئەلچى ئۆنال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى سەدات ئۆنال، رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىشنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىرىزىسلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش ئەلچى سەدات ئۆنال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ «رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش» تېمىلىق يىغىنىدىكى سۆزىدە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، قانۇنىي سالاھىيىتىنى ب د ت ئەزالىرىدىن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ: «نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بىز ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئورۇندىيالمىغانلىقىنى ۋە ھوقۇقىنى ئىشقا سالالمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

باش ئەلچى سەدات ئۆنال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ساقلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزىدە دائىمىي ئەزالارنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشىنىڭ ياتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ تەكىتلەپ، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشنىڭ كىرىزىسلەرنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئىنسانىي بەدەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر