ئەردوغان چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېگرا لىنىيەسىدىكى ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

1978012
ئەردوغان چېگرادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە ھەر قايسى قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە خاتايدىكى 8 – كوماندىر جەڭچىلەر قوماندانلىقىغا بېرىپ، ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ھېيىت كۈنى ئەتىگەندە كوماندىر جەڭچىلەر بىلەن ناشتا قىلغان مىنىستىر ئاقار، ئارقىدىن ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرى بىلەن يىغىن ئاچتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالى بىلەن چېگراداش رايونلاردا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانلىرىمۇ قاتناشقان سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون يىغىنىغا تېلېفون قىلىپ، ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلدى.

سۆزىنى ئەسكەرلەرنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىز سىلەرنىڭ مەيلى چېگرا بويلىرىدىكى، مەيلى چېگرانىڭ ئىچى – سىرتىدىكى كۈرەشلىرىڭلارنى ھەردائىم ئىپتىخارلانغان ھالدا ياد ئېتىمىز، شۇنداقلا ئۇتۇقلىرىڭلارنىڭ داۋاملىشىشىنى تىلەيمىز. شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، يارىدارلىرىمىز ۋە غازىلىرىمىزغا شىپالىقلار تىلەيمەن. نۇرغۇن ھېيتلار ۋە ئىنشائاللاھ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە تولغان كەلگۈسى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا رايونى ماھيا تۆپىلىكى ھەربىي بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە قىلغان خىتابىدىمۇ ئەسكەرلەرنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەپ: «سىلەرنىڭ بۇ بازىلاردىن چىقىپ كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقىڭلار، بۇ تېررورلۇق ئەترىتىنىڭ بۇ يەرلەرنى ماكان تۇتۇشىغا يول قويمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر