خۇلۇسى ئاقار گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋغا تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەرمېنىيە قىسىملىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى مۇناسىۋى بىلەن ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋغا تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خۇلۇسى ئاقار 11-ئاپرېلدا ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە ئەرمەنىستان قىسىملىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 3 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەسەنوۋغا تەزىيە مەكتۇبى يوللىغان.
ئاقار «قىممەتلىك قېرىمدىشىم!» دەپ باشلانغان مەكتۇبىدا، ئەزەربەيجان خەلقى ھېس قىلغان ئازابنى چىن قەلبىدىن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېگەن:
«تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> چۈشەنچىسى بىلەن قايغۇ-ھەسرەت ۋە خۇشاللىقتىمۇ بىر ۋە باراۋەردۇر. ھازىرغا قەدەر بولغىنىغا ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جان قېرىندىشىمىز ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ ھەققانىي كۈرىشىدە بارلىق كۈچىمىز بىلەن يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تېلەيمىز. يېقىنلىرىنىڭ، قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ شۇندقلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قىممەتلىك ئەزالىرىنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىمىز ۋە تەزىيە تىلەكلىرىمىزنى يوللايمىز»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىنىستىر فىدان ئىسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە غەززە ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.