ئىزمىر دېڭىز ساھىللىرىدا نۇرغۇن تەرتىپسىز كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ دىكىلى ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 24 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى..

1975197
ئىزمىر دېڭىز ساھىللىرىدا نۇرغۇن تەرتىپسىز كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشتابقا قاراشلىق ئەترەتلەر ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر كېمىدە بىر گۇرۇپپا تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋەتكەن بىر كېمىدىكى 24 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر