ئاقار: تېررورچىلارنىڭ لاگېرلىرىنى  يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ لاگېرلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئېيتتى.

1975198
ئاقار: تېررورچىلارنىڭ لاگېرلىرىنى  يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ لاگېرلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر. باشقىلار بۇ تېررورچىلارغا مەيلى تىك ئۇچار بەرسۇن، مەيلى ئايروپىلان، قورال – ياراغ بەرسۇن ياكى پۇل بەرسۇن، بۇ تېررورچىلارنى قوللاۋاتقانلارنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 85 مىليون خەلقىمىز ۋە چېگرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالغانغا قەدەر، ئۇدا 40 يىلدىن بۇيان ئەزىز خەلقىمىزگە مۇسەللەت بولۇۋاتقان بۇ بالايىئاپەتتىن خەلقىمىزنى خالاس تاپقۇزغانغا قەدەر تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ھەقتە بىزنى ھېچكىم توسىيالمايدۇ.»

مىنىستىر ئاقار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلار كارىدورى بەرپا قىلىش پىلانىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ۋە تېرورچىلارنى ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە كۆمگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ««بىزنىڭ ھېچكىمنىڭ دىنىي، مىللىي ياكى مەزھەپ خاراكتېرلىك كىملىكى بىلەن ھېچقانداق مەسىلىمىز يوق. بىزنىڭ بىردىنبىر زەربە بېرىش نىشانىمىز تېرورچىلاردۇر، بۇ نىشانىمىزغا ئاساسەن، تېرورچىلار قەيەردە بولسا، بىزنىڭ زەربە بېرىش نىشانىمىزمۇ شۇ يەر بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر