ئەردوغان: يەر تەۋرەشتىن كېيىن سېلىنغان يېزا ئۆيلىرى روزا ھېيتتا ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيتتا غازىئانتەپنىڭ نۇرداغى ۋە قاھرامانماراشنىڭ تۈركئوغلۇ رايونلىرىدىكى تۈنجى تۈركۈم يېزا ئۆيلىرىنىڭ ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1974294
ئەردوغان: يەر تەۋرەشتىن كېيىن سېلىنغان يېزا ئۆيلىرى روزا ھېيتتا ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا 6-فېۋرالدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارغان شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئىزدەش- قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرى ۋە يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

يەر تەۋرەش رايونىدا چېدىر، كونتېينېر ۋە قوراشتۇرۇلما ئۆيلەرنى قۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، خەلق ۋە دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يەر تەۋرەشنىڭ تۇنجى مىنۇتلىرىدىن تارتىپلا ئاپەت رايونىغا ئاتلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، يەنە بىر تەرەپتە دائىمىي تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ روزا ھېيتتا غازىئانتەپنىڭ نۇرداغى ۋە قاھرامانماراشنىڭ تۈركئوغلۇ رايونلىرىدىكى تۈنجى تۈركۈم يېزا ئۆيلىرىنىڭ ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر