چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قازاقىستان، سېنېگال ۋە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1971739
چاۋۇشئوغلۇ تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ قازاقىستانلىق مەنسەپدىشى مۇرات نۇرتىلىيو، سېنېگاللىق مەنسەپدىشى ئايسساتا تالسال ۋە قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئالسانى بىلەن ئايرىم – ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن قازاقىستانلىق مەنسەپدىشى مۇرات نۇرتىلىيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

چاۋۇشوغلۇ 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن قازاقىستاننىڭ تۈركىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

چاۋۇشئوغلۇ كېيىنچە سېنېگال تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  ئايسساتا تالسال بىلەن تېلېفونلاشقان.

ئۇ سېنېگال ۋە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئاخىرىدا قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئالسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

 ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، پەلەستىن ۋە ئافغانىستان مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر