چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن تۈنۈگۈن (6-ئاپرېل) رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئىپتاردا بىر يەرگە جەم بولدى.
1971278
![چاۋۇشئوغلۇ لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/47f1/1b0b/cad6/642fafc7c4bc6.jpg?time=1718397542)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ تەكلىپكە بىنائەن 6 – 7 – ئاپرېل تۈركىيەدە ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى رەسمىي تۇرالغۇسىدا ئىپتار داستىخىنىدا كۆرۈشتى.
لاۋروۋغا، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يەرخوۋ ھەمراھ بولدى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۈگۈن (7-ئاپرېل) لاۋروۋ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەم خەلقئارالىق كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى، شۇنداقلا بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718397542)
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.