جۇمھۇر رەئىس كاندىداتلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ 14 – مايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ۋاقىتلىق كاندىداتلار تىزىملىكى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

1966054
جۇمھۇر رەئىس كاندىداتلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارنامىسىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا رىقابەتكە چۈشىدىغانلارنىڭ ۋاقىتلىق تىزىملىكى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە كامال قىلىچدارئوغلۇ، مۇھەررەم ئىنجە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سىنان ئوگاندىن ئىبارەت تۆت كىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كاندىداتلار ۋاقىتلىق تىزىملىكىگە 29-مارت (ئەتە) چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر