ئەردوغان ئاپەت رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (27-مارت) ئادىياماندا يېڭى ئاپەت تۇرالغۇلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

1965604
ئەردوغان ئاپەت رايونىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى : يېڭى ئاپەت تۇرالغۇلىرىنى بەرپا قىلىش پىلانى دائىرىسىدە قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان 11 ۋىلايەتتە بىرلا ۋاقىتتا 46 مىڭ 327 ئاپەت تۇرالغۇلىرى ۋە يېزا ئۆيلىرىنى بەرپا قىلىش خىزمىتى باسقۇچى باشلاندى.

23- مارتقىچە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتناشقان مۇراسىم ئارقىلىق 17 مىڭ 902 تۇرالغۇنىڭ ئۇلى سېلىندى.

ئەردوغان بۈگۈنمۇ ئادىياماندا «يېڭى ئاپەت تۇرالغۇلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش» مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمدىن كېيىن، ئادىياماندىكى چېدىر شەھىرىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە بۇ يەردە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر