ئاقار شويگۇ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالى توغرىسىدا سۆزلەشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1963826
ئاقار شويگۇ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئاقار بىلەن مىنىستىر شويگۇنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى، ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سۆھبەت جەريانىدا، دۇنيا ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش مۇساپسىىدىكى ھەمكارلىقتىن خۇشاللىق ھېس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ئاقار، ئاشلىق يۆتكەشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر مەسىلىسىدە بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن سىياسەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مىنىستىر ئاقار سۈرىيەنىڭ شىمالى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىنىڭ چېگراسى ۋە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە تېخىمۇ ئېغىر تىراگېدىيەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان سۆھبەتلەرنىڭ رايون ۋە سۈرىيەدە تىنچلىق، مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مىنىستىر ئاقار، بۇنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ 6 – فېۋرالدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن قىلغان ياردىمى ۋە نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر