تۈركىيە پاكىستاندىن ھال سورىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان پاكىستاندىن ھال سورىدى ۋە ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1963967
تۈركىيە پاكىستاندىن ھال سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى بىلەن تېلېفونلىشىپ، يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان پاكىستاندىن ھال سورىدى ۋە ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ باش مىنىستىر شەرىف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەردارى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئافغانىستاننىڭ ھىندىقۇش رايونىدا يۈز بېرىپ، پاكىستانغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن 6.5 بال يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ھال سوراش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەردارىمۇ مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇغا رەھمەت ئېيتتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئىنگلىزچە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پاكىستان، ئافغانىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئوي – پىكىر ۋە دۇئالىرىمىز يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار بىلەن بىرگە» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

ئافغانىستاننىڭ ھىندىقۇش رايونىدا يۈز بەرگەن 21-مارتتىكى 6.5 بال يەر تەۋرەش پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە كۈچلۈك ھېس قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر