تۈركىيە كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشىنى قوللىدى

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى يول خەرىتىسى دائىرىسىدە، كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشىغا دائىر كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش قوشۇمچە ھۆججىتى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1961997
تۈركىيە كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تەرەپلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى مەگىللەردە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش ئارقىلىق كونكرېت نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، 27 - فېۋرال ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوسوۋۇ بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش يول خەرىتىسى دائىرىسىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 18 - مارتتا شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئوخرى شەھىرىدە كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش قوشۇمچە ھۆججىتى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

دۆلىتىمىز بولۇپمۇ ئېلېكتر تارقىتىش مەسىلىسى قاتارلىق باسقۇچلارغا تۆھپە قوشماقتا. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز (رەجەپ تاييىپ ئەردوغان) يېقىندا (ئەڭ ئاخىرىدا) سېربىيە پىرېزىدېنتى (ئالېكساندىر) ۋۇجىچ ۋە كوسوۋۇ باش مىنىستىرى (ئالبىن) كۇرتى بىلەن ئايرىم -ئايرىم كۆرۈشتى. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كوسوۋۇ-سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بارلىق تەشەببۇسلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر