ئەردوغان چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ چاناققەلئە روھىنى جانلىق ھالەتتە ساقلاپ قېلىشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1961636
ئەردوغان چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 18-مارت شېھىتىلەر بايرىمى ۋە چاناققەلئە غەلىبىسىنىڭ 108 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

تېلېگراممىسدا: «بۇنىڭدىن 108 يىل ئىلگىرى جاھانگىرلارغا قارشى ئانادولۇدىكى تۈرك مەۋجۇتلۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە مىڭ يىللىق تۈرك تۇپراقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرۈش قىلىپ، خەلقىمىزنى چاناققەلئە غەلىبىسىگە ئېرىشتۈرگەن بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمىز» دېگەن ئەردوغان، چاناققەلئە غەلىبىسىنىڭ تۈرك خەلقى مۇستەقىللىقىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلىغان ئۇلۇغ ۋە تارىخىي داستان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان تېلېگراممىسىدا يەنە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

«ئانادولۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چاناققەلئەگە كېلىپ پۈتۈن دۇنياغا كۈرۈش ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلغان ئەجدادلىرىمىز، خەلقىمىزنىڭ قىيىن كۈنلەردە قانداق بىرلىكتە بولالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، دۈشمەننىڭ شېھىتلەرنىڭ قانلىرى بىلەن سوغۇرۇلغان تۇپراقلىرىمىزغا ئاياغ بېسىشىغا يول قويمىدى. بۈگۈن بىزمۇ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن چاناققەلئە غەلىبىسىدە نامايان قىلىنغان روھ ۋە ئىرادە بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمىز؛ ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە يېڭەلەيدىغانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچ بىلەن كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.

بىز ئۇلۇغ قەھرىمانلىق ۋە جاسارەت بىلەن يېزىلغان شانلىق تارىخىمىزنى قوغداپ، چاناققەلئە روھىنى جانلىق ھالەتتە ساقلاپ قېلىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. بىزگە بۇ ۋەتەننى ئامانەت قالدۇرۇپ كەتكەن شېھىتلىرىمىزگە، غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇرچىمىزنى ئادا كىلىش، ۋەتىنىمىز ۋە بايرىقىمىزنى ھەر قانداق شارائىتتا قوغداش ئۈچۈن، تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بۈگۈن ۋە ئەتىمۇ بىر دەممۇ توختاپ قالمايمىز. بۇ پىكىرلەر بىلەن مەن چاناققەلئە غەلىبىسىنىڭ 108 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، 18-مارت شېھىتلەر بايرىمىدا، بۇ زېمىنلارنى بىزگە ئامانەت قالدۇرۇپ كەتكەن بارلىق شېھىتلىرىمىزنى، غازى مۇستاپا كامالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەيمەن. ئۇلارنىڭ روھى شاد، ماكانلىرى جەننەت بولسۇن».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر