ئەردوغان بىلەن ستولتېنبېرگ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1961518
ئەردوغان بىلەن ستولتېنبېرگ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ تېلېفونلىشىپ، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدىكى سۆزىدە، ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدە فىنلاندىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ پوزىتسىيەسىدىن پەرقلىق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ھۆججەتلىرىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م)نىڭ ماقۇللۇقىغا سۇنۇشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنى ياخشى نىيەت رامكىسىدا تۇرۇپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، بۇ مۇساپىنىڭ ئىلگىرىلەش شەكلىنىڭ شىۋېتسىيە تاشلايدىغان كونكېرت قەدەملەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

بۇ جەرياندا، فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىگە سۇنۇلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىگە سۇنۇشنى قارار قىلغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئۇ باياناتىدا: «بۇ فىنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى، شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە ناتونىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىنىڭ بۇنىڭغا بالدۇرراق بېلەت تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر