ئەردوغان: تۈرك مەبلەغ فوندى تۈرك دۇنياسى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۆھپە قوشىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك مەبلەغ فوندىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1960993
ئەردوغان: تۈرك مەبلەغ فوندى تۈرك دۇنياسى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۆھپە قوشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى، تەشكىلات ئەزالىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ھەمدە كەلكۈن ئاپەتلىرىدىن كېيىن ئۆزئارا ھەمكارلىقنى مەقسەت قىلغان ھالدا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىپ: «بىز باشتىن كەچۈرگەن ئاپەتلەردە نامايان قىلغان ھەمكارلىقلىرىمىزنى، باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز» دېدى.

ئۇ نىشانلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە پۈتكۈل ئاپەت رايونىدىكى تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە سۈپەتلىك ۋە بىخەتەر بىنالارنى سېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى بىر گەۋدىلىشىشنىڭ موتورى بولغان ئىقتىساد، سودا، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنىمۇ كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى بايان قىلىپ: «تۈرك مەبلەغ فوندى قۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى، يىغىنىمىزنىڭ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى بولدى. فوند سايىسىدا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا، تەرەققىيات تۈرلىرىگە، قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرلىرىگە، ئۇل- ئەسلىھە تۈرلىرى ، دېھقانچىلىق ۋە ساياھەتكە مەبلەغ سېلىشقا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تەتقىقاتىغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، تۈرك مەبلەغ فوندىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىستانبۇل قۇرۇلماقچى بولغان فوندقا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. بىز شۇنداق قلىپ، ئىستانبۇلنىڭ يەر شارى پۇل-مۇئامىلىسىدە ئوينىغان مەركىزىي رولىنى مۇستەھكەملىگەن بولدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر