شانلىئۇرفا ۋە ئادىياماندىكى سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 17 گە يەتتى
سۇ ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان شانلىئۇرفادا يەنە بىر كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
1961023
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفادا ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى جەريانىدا يەر ئاستى قەۋىتىنى سۇ بېسىپ كەتكەن سودا مەركىزىدىن يەنە بىر كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
شۇنداق قىلىپ، شانلىئۇرفادا سۇ ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 15 كە يەتتى. ئادىياماندىكى سۇ ئاپىتىدە ئىككى ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
ئاپەت يۈز بەرگەن جايلاردىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.