ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىشنى قارار قىلدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) دىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىشنى قارار قىلدى.

1960818
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) دىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن چاقىرىپ، 15 – مايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلاملاردا پارتىيە رەئىسى ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

يىغىندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئىمزاسى بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىلىشى توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى.

مىللىيەتچى (مىللەتچى) ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭمۇ ئەردوغاننى نامزات كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاپ، پارتىيە گۇرۇپپىسى قارارى چىقىرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بارلىق قەدەملەر تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ئىكەنلىكى ئالىي سايلام كومىتېتىغا مەلۇم قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر