تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۇنياسىنىڭ 6 – فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا ئاتلانغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

1960866
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى
turk devletleri teskilati zirvesi.jpg
turk devletleri teskilati zirvesi.jpg
turk devletleri teskilati zirvesi.jpg
turk devletleri teskilati zirvesi.jpg
turk devletleri teskilati zirvesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبىخانلىقىدا پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى.

«ئاپەت – جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» دېگەن تېما ئاستىدا پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىغا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىسىتان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى ئۆزبېكىستاننىڭ پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن كۆزەتكۈچى دۆلەتلەردىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن ئەرسىن تاتار، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن تۈركمەنىستان مەسلىھەتى (مەنپەئەتى) پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ قاتارلىقلار قاتناشماقتا.

يىغىن زالىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن تۈرك دۇنياسى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئائىلە رەسىمىگە چۈشتى.

يىغىن زالىدا تارىختا قۇرۇلغان 16 تۈرك دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراقلار ۋە ئەسكەرلەر ئورۇن ئالدى؛ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا رەھبەرلەرگە خىتاب قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن تۈركىيەگە ياردەم قىلىشقا ئاتلانغانلار ئارىسىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئەزىز خەلقىمىز بۇ قوللاشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دېدى.

ئەزەربەيجاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئېغىر يەر تەۋرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن تۈركىيەگە ھەمنەپەس بولۇش مەقسىتىدە چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا، ئاپەتلەر ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندا يەنە، ئورتاق كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر