ئەردوغان: يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 46 مىڭ 104 كە يەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 6 – فېۋرالدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 46 مىڭ 104 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1955756
ئەردوغان: يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 46 مىڭ 104 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابىنىت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئادەم ئۆلۈشى، ۋەيرانچلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەشلەر ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈز بەرگەن قالدۇق يەر تەۋرەشلەر سەۋەبىدىن خەلقتىن ھال سوراپ: «يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغان 46 مىڭ 104 پۇقرامىزغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت، يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر تىلەيمىز ۋە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېدى.

يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن تۇنجى لەھزىلەردىن تارتىپ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بارلىقىنى يەر تەۋرەش رايونىغا سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، كونتېينېر شەھەرلەرنى قۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ئىككى ئايغىچە 100 مىڭ كونتېينېرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان يېرىم مىليون كىشىنى شارائىتى تېخىمۇ ياخشى بولغان بۇ كونتېينېر ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئاپەت رايونىغا 405 مىڭ تۇرالغۇ بىنا، 83 مىڭى يېزا ئۆيى بولۇپ، جەمئىي 488 مىڭ يېڭى تۇرالغۇنى سېلىپ، خەلققە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە ئومۇمىي سايلاملارنىڭ 14 – مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ سايلام مۇساپىسىدىكى كۈنتەرتىپىنىڭمۇ يەنىلا يەر تەۋرەش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان 10 - مارت جۈمە كۈنى چىقىرىدىغان سايلام قارارنامەسىنى شەنبە كۈنى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىش ئارقىلىق سايلام مۇساپىسىنى باشلايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر