ئەردوغان: ئاپەت رايونلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1952955
ئەردوغان: ئاپەت رايونلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبىرى مۇستافا دەستىجى بىلەن بىرلىكتە 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان مالاتيا ۋىلايىتىنىڭ دوغانشەھىر ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئاپەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مىنىستىرلار، ھەرقايسى ئورگانلار، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، پىدائىيلار ۋە ئەڭ مۇھىمى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سەمىمىي تىرىشچانلىقى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامداۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق ئىمارەتلەرنى چېقىپ، ئورنىغا تېخىمۇ مۇستەھكەم يېڭى بىنالارنى سېلىپ، پۇقرالىرىمىزغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

ئەردوغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەرنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلگىرىمۇ مۇشۇنداق قىلغانىدۇق. جۈملىدىن، ئەلازىغ، مالاتيا، ئىزمىر، دۈزجە، ۋان ۋىلايەتلىرىمىزدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە، ئانتاليا ۋە مۇغلا ۋىلايەتلىرىمىزدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپەتلىرىدە، كاستامونۇ، سىنوپ، بارتىن ۋە گىرەسۇن ۋىلايەتلىرىمىزدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپەتلىرىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە خارابىلىككە ئايلانغان ۋىلايەتلىرىمىز ۋە ناھىيەلىرىمىزدىمۇ نىشانىمىزغا يەتكەنىدۇق. قىسقىسى، خەلقىمىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىمىزنى ھەر قېتىم دەل ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر