ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
1951478
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا 6 – فېۋرال قاھرامانماراشتا مەيدانغا كېلىپ 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، ھال سوراش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنى كۈتۈۋالدى؛ ئۇچرىشىش يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلدى.