ئەردوغان ماكرون بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

1951399
ئەردوغان ماكرون بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوس خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، 6-فېۋرال يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تۈركىيەدىن ھال سورىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭمۇ فىرانسىيەنىڭ بۇ مۇساپىدىكى ھەمكارلىق روھىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيە-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئېممانۇئېل ماكرون ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تۈركچە بايانات ئېلان قىلدى.

قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، فىرانسىيە پۇقرالار بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىپ، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، ئادىياماننىڭ گۆلباشى ناھىيەسىدىكى فىرانسىيەنىڭ دالا دوختۇرخانسىىدا  ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە يارىلانغان 100 كىشىنىڭ داۋالانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تولۇق سەپەرۋەر بولۇپ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ماكرون: «بىز قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇكرائىنانىڭ غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، رۇسىيەگە قاراتقان بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر