ئەردوغان غازىئانتەپنىڭ ئىسلاھىيە رايونىدىكى كونتېينېر شەھىرىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز شەھەر مەركىزىدە قۇرماقچى بولغان 200 مىڭ ئۆي ئۈچۈن گېئولوگىيە ۋە يەر ئۈستى تەكشۈرۈشى تاماملانغان رايونلاردا تۇنجى توختامنى ئىمزالىدۇق» دېدى.

1949673
ئەردوغان غازىئانتەپنىڭ ئىسلاھىيە رايونىدىكى كونتېينېر شەھىرىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6 - فېۋرالدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ۋىلايەتلەردىن بىرسى بولغان غازىئانتەپنىڭ ئىسلاھىيە رايونىدىكى كونتېينېر شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان شەھەرلەردە 1797 ئۆينىڭ قۇرۇلۇش قەدىمىنىڭ بۈگۈن باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «بىز شەھەرلىرىمىزنى يېڭى چۈشەنچە بىلەن بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ئولتۇراق رايونغا ئايلاندۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر